بۇ ھازىرقى زامان نۇسخىسىدىكى قان شورىغۇچى ئالۋاستى دراكۇلانىڭ ھېكايىسىدىكى باش پېرسوناژ، ئۇنىڭ سادىق ئەگەشكۈچىسى. رانفېلد تارىختىكى ئەڭ ئۆز مەپتۇن خوجايىن دراكۇلانىڭ يەتكۈچە ئازابىنى چەككەن ياردەمچىسى. رانفېلد خوجايىنىغا ياردەملىشىپ ئولجا ئىزدىشىپ بېرىدۇ ھەمدە ھەر ۋاقىت، ھەرقاچان، ھەر جايدا ئۇنىڭ تاپشۇرۇقىغا بويسۇنىدۇ. شۇنداقلا بۇ ئىشلارنىڭ قانچىلىك پەسكەش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، خوجايىنىنىڭ بۇيرۇقىنى ئاڭلاپ ھەرقانداق ئىشنى قىلىشقا مەجبۇر. لېكىن ھازىر، نەچچە يۈز يىلدىن بۇيان خوجايىنىغا ئىتائەتمەنلىك بىلەن خىزمەت قىلغاندىن كېيىن، رانفېلد ئۆزىنىڭ قاراڭغۇ كېچىدىكى كۆلەڭگىسىدىن باشقا، يەنە بىر خىل تۇرمۇش كەچۈرەلەيدىغان ياكى كەچۈرەلمەيدىغانلىقىنى كۆرۈپ باقماقچى بولىدۇ. لېكىن ئۇ چوقۇم ئامال قىلىپ خوجايىنى بىلەن بولغان بېقىندىلىق مۇناسىۋىتىدىن قۇتۇلمىسا بولمايتتى ... فىلىمدە قانخور ئالۋاستى دراكۇلانىڭ رولىنى نېكۇلاس كېيچ ئالغان.