كىيۇ نامرات بىر ئائىلىدە تۇغۇلغان بولۇپ سىڭلىسى كىچۇڭ ۋە ئاتا-ئانىسى بىلەن تار بىر يەر ئاستى ئۆيدە بىر-بىرىگە يۆلىنىپ ياشايتتى.
بىر كۈنى كىيۇنىڭ بىر ساۋاقدىشى ئۇنى يوقلاپ كېلىپ ئۆزىنىڭ بىر باي ئائىلىدە ئۇلارنىڭ قىزىغا ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى بولۇۋاتقانلىقىنى ئائىلە خانىمىنىڭ ساددا ھەم قولى ئوچۇق بىر ئايال ئىكەنلىكىنى ئۆزى چەتئەلگە ئوقۇشقا كېتىدىغان بولغاچقا ئائىلە ئوقۇتقۇچىلىقى خىزمىتىنى ۋاقىتلىق كىيۇغا ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ.
شۇنداق قىلىپ كىيۇ باك شىركىتىنىڭ باشلىقىنىڭ ئۆيىگە كېلىدۇ ۋە ئۇنىڭ ئايالى بىلەن كۆرۈشىدۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي كىيۇنىڭ سىڭلىسى ۋە ئاتا-ئانىسىمۇ قۇرۇتقا ئوخشاش باك شىركىتىنىڭ باشلىقىنىڭ ئۆيىگە كىرىپ خىزمەت قىلىشقا باشلايدۇ. بىراق ئۇلارنىڭ ئاچكۆزلىكى بۇنىڭلىق بىلەنلا توختاپ قالمايدۇ، كىيۇ ھەتتا چوڭ خانقىز بىلەن مۇھەببەتلىشىپ قالىدۇ.
ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ باك شىركىتىنىڭ باشلىقىنىڭ ئۆيىدە يوشۇرۇنغان سىرلار ئاستا-ئاستا ئاشكارىلىنىشقا باشلايدۇ.