ئىككى ئەر سەپەر جەريانىدا قۇملۇق يولىدا تاسادىپىيلا چوڭ ئالتۇندىن بىرنى ئۇچرىتىپ قالىدۇ، ئالتۇن بەك چوڭ بولغاچقا يۆتكەشكە ئامالسىز قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئامالسىز قالغان بۇ ئىككى ئەرنىڭ بىرى شۇ يەردە قىلىپ ئالتۇننى قوغدىماقچى، يەنە بىرى توپا كولاش ماشىنىسى ئەكەلمەكچى بولىدۇ. پىژغىرىم ئىسسىق قۇملۇقتا ئالتۇننى قوغداۋاتقان ئادەم يەنە بىر ھەمراھىنىڭ ۋاقتىدا يېتىپ كېلەلمەسلىكى سەۋەبىدىن ئۆلۈم تەھدىتىگە دۇچ كېلىدۇ. ھەمراھى ۋاقتىدا يېتىپ كېلەلەرمۇ؟ ئۇلار بۇ ئالتۇنغا ئېرىشەلەرمۇ؟ شۇنچە چوڭ ئالتۇن بۇ ئىككى ئەرنى قانداق ئۆزگەرتىۋېتەر؟ بايلىق ئالدىدا كىشىنىڭ ئىچكى ئەپتى-بەشىرىسىنى ئىچىپ بەرگەن بۇ كىنونى كۆرۈشنى قولدىن بېرىپ قويماڭ!