بۇ كىنو «X» ناملىق كىنونىڭ مۇقەددىمىسى بولۇپ، زەھەرخەندە موماي پېئارىلنىڭ ياش ۋاقتىدىكى ھېكايىسى بايان قىلىنغان. پېئارىل ئەركىنلىككە ئېرىشىش ئۈچۈن خوۋارد ئىسىملىك ئەرگە ياتلىق بولغان، كىم بىلسۇن خوۋارد توي قىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئەسكەرلىككە قاتنىشىپ، ئالدىنقى سەپكە ئۇرۇش قىلغىلى كېتىدۇ. خوۋارد كەتكەندىن كېيىن، پېئارىل خوۋاردنىڭ دېھقانچىلىق مەيدانىدا ئاتا-ئانىسى بىلەن بىللە تۇرمۇش كەچۈرىدۇ. دېھقانچىلىق مەيدانىدىن ئايرىلىپ چولپان بولۇش پېئارىلنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇسى ئىدى، بىر كۈنى يەڭگىسى مىستى ئۇنى يوقلاپ كېلىپ، ئۇنىڭغا بازاردىن ئۇسسۇل ئارتىسلىرىنى تاللىغىلى ئادەم كەلگەنلىكىنى، بۇ پېئارىلنىڭ دېھقانچىلىق مەيدانىدىن ئايرىلىشىدىكى بىردىنبىر پۇرسىتى ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ. كىم بىلسۇن ئىمتىھان نەتىجىسى پېئارىلنىڭ كۈتكىنىدەك بولماي، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ كەيپىياتى تېخىمۇ تۇراقسىزلىشىپ بىر قاتار قورقۇنچلۇق ئىشلارنى قىلىشقا باشلايدۇ. پېئارىل زادى قانداق ئايال؟ ئۇ نېمىشقا شۇنچىلىك رەزىل، قورقۇنچلۇق بولۇپ كەتتى؟