بۇ كىنودا ۋىكتورىيە بىلەن لىلىنىڭ ئانىسىنى ئۇلارنىڭ دادىسى ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ، دادىسىمۇ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىپ ئىككى قىزىنى ئورمانلىققا تاشلاپ قويىدۇ. بەش يىلدىن كېيىن، بۇ ئاچا-سىڭىللار ئورمانلىقتا ئىنتايىن ناچار ھالەتتە بايقىلىدۇ، بارلىق بەدەن ئۇچرىشىشلىرىغا نىسبەتەن قورقۇنچ ۋە قارشىلىق ھېس قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ بۇنداق يالغۇز مۇھىتتا قانداق ھايات قالغانلىقىنى ھېچكىم بىلىپ يېتەلمەيدۇ. ئۇلارنى تاغىسى لۇكاس بېقىۋالغاندىن كېيىن، ئەسلىدىكى تىنچ تۇرمۇش بىراقلا بۇزۇلۇپ، ھەمىشە بىر كۆلەڭگە ئەگىشىپ يۈرگەندەك تۇيغۇ پەيدا بولىدۇ، ئۇلارنى يوقاتماقچى بولغان بۇ كۆلەڭگىنى ئىككى قىز ئانا دەپ چاقىرىدۇ... بۇ ئاچا-سىڭىللار ئورمانلىقتا قانداق ھايات قالالىدى؟ ئۇلارغا ئەگىشىپ يۈرگەن كۆلەڭگە راستىنلا ئۇلارنىڭ ئانىسىمۇ؟