بۇ تىياتىردا بالا بېقىۋېلىش ۋاستىچى تەشكىلاتى كىشىلەرگە بېقىۋالىدىغان بالىلارنى تەمىنلەيدۇ، بالا بېقىۋالغان بۇ كىشىلەر بالىدىن رازى بولماي قالسا قايتۇرىۋەتسە بولىدۇ، ئەلۋەتتە قايتۇرۇلغان بالىلارنىڭ ھەرگىزمۇ كەلگۈسى بولمايدۇ... بۇ تەشكىلاتنىڭ بىر ئەزاسى قىلىۋاتقان ئىشىدىن ئۆكۈنۈپ قايتۇرۇلغان بالىلارنى كۈچىنىڭ يېتىشىچە قۇتقۇزۇۋالماقچى بولىدۇ، قۇتقۇزۇۋېلىنغان بالىلار ئۆزىنىڭ ئۇسۇلى بىلەن ئۆزلىرىنى قايتۇرىۋەتكەن ئاتا-ئانىلىرىدىن قىساس ئالماقچى بولىدۇ. بۇ بالىلار نېمىشقا قايتۇرۇلىدۇ؟ قايتۇرۇلغان بالىلارنىڭ تەقدىرى قانداق بولار؟