بۇ كىنودا 1970-يىلى بىر يولۇچىلار ئايروپىلانىنى بۇلاپ، چاۋشيەن پيوڭياڭغا يۆتكىمەكچى بولىدۇ. يولوچى ناملىق بىر سىرلىق شەخس (سالاھىيىتى ۋە ئارقا كۆرۈنۈشىنى ھازىرغىچە ھېچكىم بىلمەيدۇ) كورېيە مەركىزىي ئاخبارات مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى پياۋ شياڭشيەننىڭ بۇيرۇقى بىلەن بىر مەيدان مەخپىي ھەرىكەت پىلانلاپ، ھەرقانداق بەدەل تۆلەشتىن يانماي ئايروپىلاننى مەجبۇرىي قوندۇرماقچى بولىدۇ. بۇ ئايروپىلان تىنچ-ئامان قونالامدۇ؟ مەخپىي ۋەزىپە قانداق تاماملىنىدۇ؟