بۇ كىنو ئۆزىنى 11 قېتىملىق زەنجىرسىمان ئادەم ئۆلتۈرۈش دېلوسى سادىر قىلغان دەپ ئاتىۋالغان سىرلىق ئەر يۇڭ شۈننى چۆرىدەپ قانات يايدۇرۇلغان. ئۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن مونوپۇل خەۋەر يېزىشنى ئارزۇ قىلىدىغان مۇخبىر شەنجۇدىن ئالاھىدە زىيارەت قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ ھەمدە شۇ كۈنى كەچتە يەنە بىر ئادەمنى ئۆلتۈرىدىغانلىقىنى ئالدىن ئۇقتۇرىدۇ. شەنجۇ بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، يىگىتى خەن شاڭيۇنى ماسلىشىپ بېرىشكە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۆزى يالغۇز ئۇچرىشىشقا بېرىپ زىيارەت قىلىشنى قارار قىلىدۇ. بۇ ئەر راستىنلا زەنجىرسىمان قاتىلمۇ؟ ئۇ راستىنلا قاتىللىق ئۇچۇرىنى ئالدىن ئاشكارىلىدىمۇ؟