بۇ كىنو ھەقىقىي ھېكايىدىن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن بولۇپ، ئادەم ئۆلتۈرۈپ مەقسىتىگە يېتەلمىگەن بەي شياڭيانىڭ كىچىك ۋاقتىدا ئانىسىنىڭ خورلىشى، تاشلىۋېتىشىگە ئۇچرىغاچقا، چوڭ بولغاندىن كېيىن ھېچكىمگە ئىشەنمەيدىغان، ھەرقانداق ئىشقا كۆڭۈل بۆلمەيدىغان بولۇپ قالغانلىقى، يالغۇز، چېچىلاڭغۇ تۇرمۇش كەچۈرىۋاتقانلىقى سۆزلىنىدۇ. مەلۇم بىر قىش كۈنى، ئۇ كىچىك قىز جىئېننى ئۇچرىتىپ قالىدۇ، شۇ تاپتا كىچىك قىز كونا كىيىم كىيىپ، ۋىجىك بەدىنىنى تىترەك باسقان بولۇپ، كوچىدا ياردەمسىز تۇرىدۇ، ئۇ ئىختىيارسىز ئەينى يىللاردىكى گۆدەك ئۆزىنى ئېسىگە ئالىدۇ. ئۇ كىچىك قىزنىڭ دادىسى ۋە ئۆگەي ئانىسىنىڭ خورلىشىغا ئۇچرىغانلىقىنى بايقىغاندا، ئۆزىگە ئوخشايدىغان بۇ بالىنىڭ بەختسىز تۇرمۇشىغا چىداپ تۇرالماي، پۈتۈن دۇنيا بىلەن قارشىلىشىدىغان ئىش بولسىمۇ، ئەندىكمەستىن، ئۇنىڭ رەھىمسىز رېئاللىقتىن قېچىپ قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىشكە بەل باغلايدۇ.