بۇ كىنودا ئەسلىدىنمۇ تۆۋەن قاتلامدا دېلو بېجىرىپ يۈرگەن گۇ تەپتىش، زېرەك ھەم ئەقىللىق ئى گاڭسۇ بىلەن تونۇشۇپ قالىدۇ، ھەم ئۇنى زەھەر ئەتكەسچىلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا سېلىپ، ئۇلارنىڭ ئىچكى ئەھۋالىدىن خەۋەردار بولىدۇ. ئى گاڭسۇ بىرنى يەمچۈك قىلىپ چوڭىنى تۇتۇپ بېرىش ئارقىلىق، گۇ تەپتىشنىڭ تۆھپە كۆرسىتىشىگە ياردەم قىلىدۇ. ئەمما گۇ تەپتىش يۇقىرىغا ياماشقانسېرى، يېنىدىكى ئۇششاق ئادەملەرنى يوقىتىش كويىغا چۈشۈپ، ھەرخىل ۋاستىلەرنى قوللىنىدۇ. پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالغان ئى گاڭسۇ قايتىدىن ئوتتۇرىغا چىقىپ، ساقچى ئو ساڭجې بىلەن بىرلىشىدۇ. ئۇلار گۇ تەپتىشنى ۋەيران قىالالامدۇ-يوق؟ بۇ زەھەر جېڭى قانداق داۋاملىشىدۇ؟