بۇ كىنودا ھېچكىم بىلەن ئارتۇق باردى-كەلدى قىلمايدىغان تاغاش ۋون بىن قوشنىسىنىڭ ئوماق قىزى بىلەن ئاستا-ئاستا دوست بولۇپ قالىدۇ، بۇ قىزنىڭ ئاپىسى زەھەر سودىسىغا چېتىلىپ قېلىپ خەتەردە قالغاندا، ۋون بىن ئۇلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن قارا گۇرۇھ بىلەن تىركەشمەكچى بولىدۇ. ئەسلىدە، ۋون بىن كەسپىي تەربىيەلەنگەن ئالاھىدە خادىم بولۇپ، ئىزچىل سالاھىيىتىنى يوشۇرۇپ تىنچ كۈن كەچۈرمەكچى بولۇپ كەلگەن، لېكىن قوشنىسىنى قۇتقۇزۇش جەريانىدا سالاھىيىتى ئاشكارىلىنىپ تېخىمۇ خەتەر ئىچىدە قالىدۇ. ئۇ قوشنىسى ۋە ئۇنىڭ قىزىنى قارا گۇرۇھنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇپ چىقالامدۇ؟ ئالاھىدە خادىملىق سالاھىيىتى ئۇنى قانداق خەتەرگە قويىدۇ؟