بۇ تىياتىردا مۇھەببىتىگە ئوتتەك سادىق ئىككى ياشنىڭ ئۇزۇن يىلغا سوزۇلغان تەسىرلىك ھەم كىشىنى قايىل قىلىدىغان مۇھەببەت ھېكايىسى بايان قىلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ تەۋەككۈلچىلىككە تولغان ھاياتىدا مەغلۇبىيەت بار، شۇنداقلا مۇۋەپپەقىيەتمۇ مەۋجۇت، يەنە تېخى مۇھەببەتنىڭ ۋاقىت سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. بۇ ياشلارنىڭ مۇھەببەت ھېكايىسى قانداق باشلىنىدۇ؟ ئۇلار قانداق قىيىنچىلىقلارنى باشتىن ئۆتكۈزىدۇ؟