بۇ كىنودا ئەبى تاساددىپىي ھەم ئالاھىدە پۇرسەتتە نىدى بىلەن مۇھەببەتلىشىپ توي قىلىش باسقۇچىغا بارىدۇ. نىدىنىڭ چۈشى سەۋەبلىك ئەبى ئاتقا مىنىپ توي مۇراسىمى زالىغا كېتىۋاتقاندا ئويلىمىغان يەردىن ئاتتىن يىقىلىپ ھوشىدىن كېتىدۇ. بۇ چاغدا نىدىنىڭ ئاتا-ئانىسى ئەبىنىڭ ھوشىغا كېلىشىدىن ئۈمىدىنى ئۈزۈپ، ئۇنى باشقىلارغا ياتلىق قىلماقچى بولىدۇ. نىدىگە باشقا بىرى بىلەن چاي ئىچۈرۈلۈۋاتقاندا، ئەبى تۇيۇقسىز ھوشىغا كېلىپ مۇراسىم زالىغا بارىدۇ... بۇ ئىككى ياشنىڭ تويىدا قانداق ئىشلار يۈز بېرىدۇ؟ ئۇلار ئاخىرىدا توي قىلالامدۇ؟