ئۇخلىغاندا «چۈش دۇنياسى» دەپ ئاتىلىدىغان بىر دۇنياغا كېلىمىز، ئۇ دەل «چۈش شاھى» كىشىلەرنىڭ قەلبىدىكى ۋەھىمە ۋە خىيالنى بەرپا قىلىدىغان جاي. لېكىن چۈش شاھى تاسادىپىي بۇلاپ كېتىلىپ بىر ئەسىر نەزەربەند قىلىنغاندىن كېيىن، بىر قاتار داۋالغۇشلار پەيدا بولۇپ، چۈش ۋە كىشىلىك ھايات ئۈزۈل-كېسىل ئۆزگۈرۈپ كېتىدۇ. چۈش شاھى تەرتىپنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئىككى دۇنيانى كېزىپ زاماندىن ھالقىپ ئۆتۈپ، ئۇزۇندىن بۇيان كېلىپ چىققان ھەر خىل سەۋەنلىكلەرنى تۈزەتمەكچى بولىدۇ. ئۇ بۇرۇنقى دوست-دۈشمەنلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى قايتىدىن كۆزىتىدۇ، يەنە تېخىمۇ ئالاھىدە بولغان كىشىلەر بىلەن ئۇچرىشىدۇ. چۈش شاھى چۈش دۇنياسىنى ئەسلىگە كەلتۈرەلەمدۇ؟ ئۇ بۇ سەپىرىدە قانداق خەتەرلەرگە يولۇقىدۇ؟