بۇ كىنودا ياش جەڭچى جاگۇا قەبىلىسىدىكىلەر بىلەن تىنچ تۇرمۇش كەچۈرىدۇ، ئۇنىڭ ئوماق ئوغلى ۋە گۈزەل ئايالى بار بولۇپ، پات ئارىدا يەنە بىر يېڭى ھاياتلىقنى كۈتۈۋېلىش ئالدىدا ئىدى. لېكىن مايا قوشۇنى ئۇلارنىڭ ئارزۇ-ئۈمىدلىرىنى بەربات قىلىدۇ، ئۇنىڭ قەبىلىسى ھۇجۇمغا ئۇچرايدۇ، جاگۇا خوتۇن-بالىلىرىنى ۋاقتىدا ئازگالغا يوشۇرۇپ قويغان بولسىمۇ، ئەمما ئۆزى يەنىلا دۈشمەننىڭ قولىغا چۈشۈپ قالىدۇ...