لۈكچەكلەرنىڭ قولىدا قىزىدىن ئايرىلىپ قالغان ئانا قاتتىق ئازابلىنىپ، بۇ پاجىئەنىڭ ئارقىسىدىكى جىنايەتچىنى تېپىپ چىقماقچى بولىدۇ ھەمدە ھەقىقىي ئەھۋالنى ئاشكارىلاش ئۈچۈن بارا-بارا رەھىمسىز قىساسكارغا ئايلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇ تاسادىپىي ئەھۋالدا قارا گۇرۇھ كاتتىبېشىنى ئۆلتۈرۈپ قويۇپ ئۆزىمۇ سەزمىگەن ھالدا قارا گۇرۇھقا ئارىلىشىپ قالىدۇ، ئارقىدىنلا بۇ قىساسكار ئانا رەزىل قىياپىتى بىلەن شۇ شۇ جايدىكى قارا گۇرۇھلار ئارىسىدا نام چىقىرىشقا باشلايدۇ... بۇ ئانا قىزىنىڭ قىساسىنى ئالالامدۇ؟ قارا گۇرۇھنىڭ كاتتىبېشىغا ئايلانغان بۇ ئايال ئەسلىدىكى مۇلايىملىقىنى پۈتۈنلەي يوقىتىپ قويامدۇ؟