بۇ تىياتىردا ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى قارىماققا ئاددىي كۆرىنىدىغان يېزا كىشىلەرنىڭ قاباھەتلىك چۈشىگە ئايلىنىدۇ، بۇ يېزىغا كىرگەنلا ئادەم چىقىپ كېتەلمەيدۇ، كىشىلەر بۇ يېزىدىن قۇتۇلماقچى بولۇپ چىقىش يولى ئىزدەيدۇ، ئەمما كۈن پاتقاندىن كېيىن پەيدا بولىدىغان غەلىتە مەخلۇقلار ئۇلارنى تېخىمۇ ۋەھىمىگە چۆمدۈرىدۇ. 2-بۆلۈمدىن باشلاپ بۇ يېزىدىن قېچىش مۇمكىنچىلىقى بار ئىشقا ئايلىنىدۇ، كىرىش بار، چىقىش يوق بۇ سىرلىق يېزىدا زادى نېمە ئىشلار يۈز بېرىۋاتىدۇ؟ بۇ قورقۇنچلۇق يېزىدىن قېچىپ چىققىلى بولامدۇ؟