بۇ پۈتۈن كۈن بالا بېقىشقا مەجبۇر بوپ قالغان ئىككى خىل دادىنىڭ ھېكايىسى. يېڭىدىن خىزمەتتىن ئايرىلغان برايېن، تېخى بىر-بىرىگە كۆنىشىپ بولالمىغان ئۆگەي ئوغلىغا پۈتۈن كۈن قاراشقا مەجبۇر بوپ قالىدۇ، ئۇ ئوغلى لۇكېس بىلەن مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش ئۈچۈن تىرىشىپ، ھەرخىل ئويۇنلارنى ئوينايدۇ، شۇ جەرياندا، ئۇ ئۆزىدىنمۇ تەس كۈنگە قالغان يەنە بىر دادا جەف ھەم ئۇنىڭ ئوغلى سىجېيغا بىلەن ئۇچرىشىپ قالىدۇ، ئەمما بۇ دادا-بالا برايېنغا غەلىتە تۇيۇلىدۇ، چۈنكى ئۇلار تۇنجى كۆرۈشۈپلا، جەف ئۇنىڭغا گەپ بەرمەيدۇ، بالىلارمۇ بىر-بىرى بىلەن چىقىشىپ كېتىدۇ، ھەتتا بالىلارنى بىرگە ئويناتماقچى بولىشىدۇ. ئىشلارنىڭ تەرەققىياتى بەك تېز بوپ كەتكەچكە، ئەسلىدىنمۇ ئۆزىگە ئىشەنچىسى يوق برايېن، ئۇلاردىن تېزراق قۇتۇلۇشنى ئويلايدۇ. بىراق ئۇلار تۇيۇقسىز بىر توپ ياللانما ئەسكەرلەرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرايدۇ، ئەسلىدىنمۇ تېڭىرقاپ تۇرغان برايېن، بۇ ئىشلاردىن ھوشىنى يوقاتقىلى قىل قالىدۇ، ئۇنداقتا بۇ ئىككى دادا بالىلىرىنى قوغداپ قالالامدۇ؟