بۇ تىياتىردا 1949-يىلى 8-ئايدا ئەسلىدە فۇجۇدا ئازادلىقنى كۈتۈۋالماقچى بولغان ۋۇ شى تۇيۇقسىز جياڭ جيېشى تەرىپىدىن گومىنداڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىقىغا تەيىنلىنىدۇ. ۋۇ شى تېخىمۇ كۆپ ئاخباراتقا ئېرىشىش ئۈچۈن، پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە تەيۋەنگە بېرىپ ۋەزىپىگە ئولتۇرىدۇ. ئۇ خىزمەت قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شەرقىي جۇڭگو بىيۇروسىنى جىنمېن ئارىلىدىكى ئەسكىرىي كۈچنىڭ ئۆزگىرىشى، غەربىي جەنۇب ئۇرۇشىدا دۆلەت ئارمىيەسىنىڭ يۆتكىلىشى قاتارلىق مۇھىم ئاخباراتلار بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئەسلىدە شاڭخەيگە قايتماقچى بولغان جۇ فېڭ ۋۇ شىنىڭ ئەسلىدىكى ئالاقىچىسىنىڭ قۇربان بولغانلىقىنى، تەشكىلنىڭ يېڭى ئالاقىچىنى تەيۋەنگە ئەۋەتىشكە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، ئائىلىسى بىلەن جەم بولۇش پۇرسىتىدىن ۋاز كېچىپ، ئۆزى يالغۇز تەيۋەنگە بارىدۇ. ۋۇ شى، جۇ فېڭلار زىچ ھەمكارلىشىپ، پارتىيىمىزگە نۇرغۇن مۇھىم ئاخباراتلارنى يەتكۈزۈپ بېرىدۇ. 1950-يىلى 2-ئايدا، خائىننىڭ ساتقىنلىق قىلىشى بىلەن ۋۇ شى، جۇ فېڭ، چېن باۋساڭ ۋە نيې شى قاتارلىقلار بەختكە قارشى قولغا ئېلىنىپ، تەيبېينىڭ شىماچاڭدىڭ دېگەن يېرىدە قۇربان بولىدۇ. لېكىن ئۇلار ئەۋەتكەن جۇشەن ئەسكىرىي كۈچىنى ئورۇنلاشتۇرۇش خەرىتىسى ئازادلىق ئارمىيەنىڭ جۇشەن تاقىم ئاراللىرىنى ئوڭۇشلۇق ئازاد قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئازادلىق ئىشلىرى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشىدۇ...