بۇ كىنودا قارا گۇرۇھنىڭ كاتتىبېشى بولغان باھۇبالى ئۆلۈش ئالدىدا تۇرغان يېقىن بۇرادىرىگە بەرگەن ۋەدىسى ئۈچۈن باشقا قارا گۇرۇھتىكىلەرگە جەڭ ئېلان قىلىپ، ئۇلارنى كاتاپپانى بىرتەرەپ قىلغاندەك بىرتەرەپ قىلىۋەتمەكچى بولىدۇ، لېكىن باھۇبالى بۇ قېتىم ئىنتايىن چوڭ خەتەرگە دۇچ كېلىدىغان بولۇپ، مۇسكۇللىرى تېشىپ تۇرىدىغان بۇ جىگەرلىك ئەزىمەت ئاخىرىغىچە جەڭ قىلىپ نىشانىغا يەتمەكچى بولىدۇ. باھۇبالى بۇ قېتىم كىملەر بىلەن دوئىلغا چۈشىدۇ؟ ئۇنى توسىيالايدىغانلار چىقارمۇ؟