بۇ كىنودا كەلگۈسىدىكى مەلۇم بىر كۈنى جۇڭگو دېڭىز ئارمىيەسى بىر دەرىجىدىن تاشقىرى سۇ ئاستى پاراخوتىنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ شەرقىي جەنۇبىي دېڭىز بويىدىكى شەھەرلىرىگە قاراتقان مەخپىي ھەربىي ئىشلار پىلانىدىن ئالدىن خەۋەر تاپىدۇ. دۆلىتىمىز ئارمىيەسى ئەڭ يېڭى تىپتىكى سۇ ئاستى كېمىسى «لوڭجىڭ»نى سۇ ئەجدىھاسى ئەترىتى بىلەن بىرگە جەڭ قىلىشقا ئەۋەتىدۇ. چوڭقۇر دېڭىز جەڭ مەيدانىدا سۇ ئەجدىھاسى ئەترىتى ھايات-ماماتلىق دەقىقىلەرنى باشتىن ئۆتكۈزىدۇ. بۇ ھايات-ماماتلىق جەڭ قانداق تاماملىنىدۇ؟ سۇ ئەجدىھاسى ئەترىتى بۇ سۇيىقەستنى قانداق بىتچىت قىلىدۇ؟