بۇ تىياتىردا ئىلگىرى ئالاھىدە قىسىمنىڭ ئوفىتسېرى بولغان جىن داۋچى ئانىسىنىڭ قەستلەپ ئۆلتۈرۈلۈشى سەۋەبىدىن ئەڭ يېقىن تۇغقانلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىپ، قاتتىق زەربىگە ئۇچرىغان. ئۇ كىشىلىك ھاياتىنىڭ ئەڭ تۆۋەن پەللىسىدە ھەسەن-ھۈسەن تىرانسپورتىنىڭ ۋەكىلى جاڭ شېڭجې بىلەن ئۇچرىشىپ قالىدۇ. بۇ شىركەت كۆرۈنۈشتە يۇقىرى دەرىجىلىك تاكسى مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە شەخسىي جازا ئارقىلىق زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار ئۈچۈن ھەققانىيەتنى ياقلايدىغان مەخپىي تەشكىلات ئىدى. ھەسەن-ھۈسەن تىرانسپورتىنىڭ شوپۇرلىرى مەخپىي ئالاھىدە خادىملار بولۇپ، ئۇلار مەخسۇس قانۇننىڭ جازاسىدىن قېچىپ قۇتۇلغان جىنايەتچىلەرنى جازالايتتى. بۇ ئەترەت بۇ قېتىم قانداق جىنايەتچىلەرنى جازالايدۇ؟ جىن داۋچى يەنە قانداق سۇيىقەستلەرنى بىتچىت قىلىدۇ؟