بۇ كىنودا ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان دەھشەتلىك گىگانت مەخلۇقلار ھوشىغا كېلىپ، نورۋېگىيىنىڭ ھەرقايسى جايلىرى ساراسىمىگە چۈشىدۇ، شۇنداقلا تارىختىن بۇيانقى ئەڭ خەتەرلىك ھەرىكەت باشلىنىپ كېتىدۇ. بۇ گىگانت مەخلۇقلارنىڭ خەتىرىنى بېسىقتۇرۇش ئۈچۈن، كىشىلەر قەدىمكى نورۋېگىيە تارىخىغا چوڭقۇر چۆكۈپ ھەقىقىي ئەھۋالنى ئىزدەشنى قارار قىلىدۇ. ئۇلار بۇ مۈشكۈل ۋەزىپىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىيالامدۇ؟ گىگانت مەخلۇقلار قانداق پەيدا بولغان؟