نېل ئىنتايىن كېلىشكەن جىنايەت ئۇستىسى، ئىلگىرى ساختا دۆلەت قەرزى دېلوسى سەۋەبىدىن FBIدىكى ئەشەددىي رەقىبى پېتېر ئۇنى تۈرمىگە تاشلىغان. ئۇ سۆيگىنى كەيتنىڭ تۇيۇقسىز ئايرىلىش تەكلىپى قويۇشىغا چىداپ تۇرالماي جازا مۇددىتى توشاي دەپ قالغاندا تۈرمىدىن قاچىدۇ، ئەمما پېتېر شۇ كۈنىلا ئۇنى قايتا قولغا ئالىدۇ، بۇ كېلىشكەن جىنايەتچىنىڭ جازا مۇددىتىمۇ يەنە 4 يىل ئۇزارتىلىدۇ. مانا مۇشۇ پەيتتە پېتېر ئىنتايىن مۇرەككەپ دېلوغا دۇچ كېلىدۇ، نېل ئەركىنلىكى ئۈچۈن شۇنداقلا كەيتنى بالدۇرراق تېپىش ئۈچۈن FBIنىڭ ئالاھىدە تەكلىپلىك مەسلىھەتچىسى بولىدۇ ھەمدە ئەشەددىي رەقىبى پېتېرنىڭ شېرىكىگە ئايلىنىدۇ، ئىككىيلەن بىرلىشىپ ئىنتايىن غەلىتە دېلولارنى پاش قىلىدۇ. نېل ساقچىلارنىڭ يېنىدىن كېتەلمىگەچكە كونا شېرىكىدىن كەيتنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ، مۇشۇ دەمدە بارلىق ھەقىقەتلەر نامايان بولۇشقا باشلايدۇ، ھەممە نەرسىدىن سۇيىقەستنىڭ ھىدى پۇرايدۇ...