بۇ كىنودا پارىژدىكى بىر ھەمبەھىر ئىشخانىسىدا سىرلىق قاتىل ئولجىنىڭ كېلىشىنى كۈتۈپ تۇرىدۇ، ئۇ رەھىمسىز، كەم سۆز كۆرىنىدىغان، لېكىن ئىچىدە قاتىل بولۇش مىزانىنى قايتا-قايتا تەكرارلاپ، خۇددى شۇنداق قىلسىلا ھەقىقىي قاتىل بولالايدىغاندەك كۆرىنىدىغان بولۇپ، شۇنداق تەييارلىق قىلغان ئەھۋال ئاستىدىمۇ قەستلەپ ئۆلتۈرۈشى مەغلۇپ بولىدۇ. نىشاننى قاچۇرۇپ قويغان بۇ قاتىلمۇ ئۆزىنى دالدىغا ئالماقچى بولىدۇ، لېكىن ئۆيىگە قايتقىنىدا ئايالىنىڭ ئېغىر يارىلىنىپ يەردە ياتقانلىقىنى كۆرىدۇ، قاتىل بۇ ئىشتىن قاتتىق نومۇس ھېس قىلىپ ھەم غەزەپلىنىپ، يىپ ئۇچىغا ئاساسەن ئايالىنى يارىلاندۇرغانلارنى ئىزدەشنى باشلىۋېتىدۇ. پېشقەدەم قاتىللاردەك كۆرىنىدىغان بۇ سويما قاتىل ئايالىنى يارىلاندۇرغانلارنى تاپالامدۇ؟ ئۇ قانداق بولۇپ بۇ يولغا كىرىپ قالغان؟