بۇ كىنودا 1945-يىلى ياپونىيە ئارمىيەسىگە قارشى ئۇرۇش غەلىبە قىلىش ھارپىسىدا، جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلغان ياپونىيە ئارمىيىسىنىڭ 731-قىسمى خاربىندا «سۇنىڭ يۇقۇملىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش» نامى بىلەن، ئىنسان قېلىپىدىن چىققان باكتېرىيە ئۇرۇشىنى مەخپىي تەتقىق قىلىپ، پۇقرالارنى زورلۇق بىلەن قولغا ئېلىپ سىناق قىلىدۇ ھەمدە بۇ ئارقىلىق ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىشنى پىلانلايدۇ. ئۇششاق تىجارەتچى ۋاڭ يۇڭجاڭ قاتارلىق كىشىلەر ياپونىيە ئارمىيەسىنىڭ ئالاھىدە تۈرمىسىگە ئاپىرىلىپ زەھەرلىك گاز تەجرىبىسى، تىرىك ئاناتومىيە قاتارلىق ھەر خىل تەجرىبىلەرگە قاتناشتۇرۇلىدۇ... بۇ كىنودا ياپونىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى زوراۋانلىقى پۇقرالارنىڭ نەزىرى ئارقىلىق ئېچىپ بېرىلىپ، مۈشكۈل ئەھۋالدا قالغان جۇڭگولۇقلارنىڭ تىز پۈكمەس قارشىلىق كۆرسىتىش روھى نامايان قىلىنغان بولۇپ، دۇنيا خەلقىنىڭ تارىخنى ئەستىن چىقارماسلىقى، دۆلەت ئار-نومۇسىنى ئۇنۇتماسلىقى، تىنچلىقنى قوغداش مەقسەت قىلىنغان...