بۇ كىنودىكى يىگىت مۇھەببەت قاينىمىغا چۆكۈپ كەتكەن بولۇپ، توي قىلىپ ئىناق ئائىلە قۇرۇشقا بەكلا ئىنتىلىدۇ، بىراق بۇرۇنقى لايىقى بولسا مۇھەببەتلىششتە چىڭ تۇرۇپ، مۇقىم بولغان توي تۇرمۇشىنى ياقتۇرمايدىغانلىقىنى ئېيتقان، شۇنىڭ بىلەن بۇ يىگىت بۇ زەربىگە بەرداشلىق بېرەلمەي، ئۇنى ياخشى كۆرگەن بولسىمۇ ئارزۇسىغا يېتەلمەيدىغىنىنى ئويلاپ ئۇ قىزدىن ئايرىلىپ كەتكەن ھەمدە بۇرۇنقى لايىقىدىن كۆڭلى ئېغىر دەرىجىدە ئازار يىگەن، كېيىن مۇھەببەتكە ئىشەنمەس بولۇپ قالغان، بىراق ئۇ شۇنداق ئۈمۈتسىزلىنىپ ئۆزىنى يوقىتىپ قوياي دېگەن شۇ ۋاقىتتا دەل ھازىرقى ئايالىنى ئۇچراتقان. ئۇلار توي قىلغاندىن كېيىن بالىلىق بولالماي ۋاكالىتەن تۇغۇپ بېرىدىغان بىرسىنى ئىزدەشكە باشلايدۇ، شۇنداقلا كېيىن دەل بۇرۇنقى لايىقى ئۆزىنىڭ ئۇلارغا بالا تۇغۇپ بېرىشنى خالايدىغىنىنى ئېيتىدۇ، بۇ ئۈچىنىڭ مۇھەببەت ھېكايىسى قانداق بولىدۇ؟ ئۇلار راستىنلا ۋاكالىتەن تۇغۇپ بېرىشتە كېلىشىپ قالامدۇ؟