بۇ تىياتىر شۇ ناملىق ئويۇندىن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن بولۇپ، 2077-يىلى 10-ئايدىكى بىر مەيدان يادرو ئۇرۇشىدىن 200 يىل كېيىن، دۇنيا سەنئەت، پەن-تېخنىكا ۋە مەدەنىيەت ئۇسلۇبى جەھەتتە 1950-يىللىرىدىكى ھالەتكە قايتىپ قالىدۇ. گەرچە بۇ كەلگۈسى دېيىلسىمۇ، لېكىن كىشىلەر بۇرۇنقىدەك تۇرمۇش كەچۈرۈشكە مەجبۇر بولىدۇ، ئەنە شۇنداق تاشلانغان دۇنيا مۇھىتىدا كىشىلەرنى ساراسىمىغا سالىدىغان، پەيدا بولغانلا جايدا ئۆلۈم ھىدى پۇراپ تۇرىدىغان ئىنئاملىق ئوۋچىدىن بىرى پەيدا بولىدۇ... كەلگۈسىدىكى بۇ تاشلانغان دۇنيادا كىشىلەر قانداق ھايات كەچۈرىدۇ؟ ئىنئاملىق ئوۋچى كىشىلەرگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟