سۇلىرى ئەلۋەك، قۇشلىرى سايراپ تۇرغان كەنتتە بىر باينىڭ ئايالى قوشكېزەك ئوغۇل تۇغىدۇ. باي ئىككى ئوغۇل پەرزەنتلىك بولغىنىدىن قاتتىق خۇشاللىنىپ تۇرغاندا بىر سىرلىق ئەر پەيدا بولۇپ، بوۋاقنىڭ بىرىنى ئېلىپ كېتىدۇ. نۇرغۇن يىللار ئۆتۈپ باينىڭ يېنىدا قالغان بوۋاق مۇرالى ئاقكۆڭۈل، ساپ نىيەتلىك يىگىت بولۇپ چوڭ بولىدۇ. بىر كۈنى كەنتتىكىلەر ياۋۇز ئەبلەخلەرنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ، مۇرالى كەنتتىكلەر ئۈچۈن ئادالەتنى ياقىلىماقچى بولغاندا ساقچىلار يوقىلاڭ باھانىلەر بىلەن ئۇنى تۈرمىگە تاشلايدۇ، يەنە تېخى ئۇنىڭ ئايالى ۋە بالىسىنى ئاستا ئۇجۇقتۇرىۋەتمەكچى بولىدۇ. مۇرالىنىڭ ئايالى بالىسىنى ئېلىپ جېنىنىڭ بارىچە قېچىپ كېتىۋاتقاندا مۇرالىنىڭ قوشكېزەك قېرىندىشى ئاكاندا پەيدا بولىدۇ. ئاكاندا شۇنچە يىللاردىن بېرى نەلەردە يۈرگەندۇ؟ ئۇ مۇرالىنىڭ ئائىلىسى ۋە كەنتتىكىلەرنى قۇتقۇزالامدۇ؟