جەڭدە يارىلىنىپ، بەلدىن تۆۋەن تەرىپى پالەچ بولۇپ قالغان سابىق دېڭىز ئارمىيە جەڭچىسى جېيك سالى ئۆلۈپ كەتكەن قوشكېزەك ئىنىسىنىڭ ئورنىغا پاندورا يۇلتۇزىغا بارىدۇ، دوكتور گرەيس ئىنسان گېنى بىلەن شۇ يەردىكى ناۋى قەبىلىسىنىڭ گېنىنى بىرلەشتۈرۈپ ياساپ چىققان «ئاۋاتار» ناملىق ئارىلاشما جانلىقنى كونترول قىلىشنى قارار قىلىدۇ. جېيكنىڭ مەقسىتى ناۋى قەبىلىسىگە سىڭىپ كىرىپ، ئۇلارنى دىپلوماتىك يوللار ئارقىلىق ئەجدادلىرىدىن بۇيان ياشاپ كېلىۋاتقان ماكانىدىن ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئايرىلىشقا قايىل قىلىش ئىدى. بۇ ئارقىلىق SecFor شىركىتى بۇ رايوندىكى ئىپتىدائىي ئورمانلارنى كېسىپ، يەر ئاستىدىكى قىممەت باھالىق «ئېرىشكىلى بولمايدىغان» كان بايلىقىنى قازماقچى بولىدۇ. پاندورا يۇلتۇزىنى تەكشۈرۈش جەريانىدا، جېيك ناۋى قەبىلىسىنىڭ مەلىكىسى نېيتىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇنىڭدىن ناۋىيلارنىڭ ھايات قېلىش ماھارەتلىرىنى ۋە تەبىئەتكە بولغان پوزىتسىيەسىنى ئۆگىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، SecFor شىركىتىنىڭ دېرىكتورى ۋە ھەربىي ۋەكىل پولكوۋنىك مايلېس بارا-بارا سەۋرچانلىقىنى يوقىتىپ، ئاخىرىدا كۈچ ئىشلىتىپ ناۋىيلارنى قوغلاپ چىقىرىشنى قارار قىلىدۇ...