بۇ كىنودا 1-بۆلۈمنىڭ ۋەقەلىكى تۈگەپ 10 نەچچە يىلدىن كېيىنكى سالى ئائىلىسىنىڭ (جېك، نەيتىرى ۋە بالىلىرى) ھېكايىسى سۆزلىنىدۇ. خەتەر ئۇلاردىن يىراقلاشقىنى يوق، بىر ئائىلە كىشىلىرى پۈتۈن كۈچى بىلەن بىر-بىرىنى قوغداپ، ھاياتلىق ئۈچۈن تىرىشىدۇ! جېك بىلەن نەيتىرى خەتەرگە يولۇققاندا دېڭىز بويىدا ياشايدىغان يېڭى دوستلىرىنى ئۇچرىتىدۇ، ئۇلار دېڭىزدا يۈرۈشكە ئىنتايىن ماھىر بولۇپ، دېڭىزدىكى ھەرخىل ھايۋاناتلار بىلەن زىچ مۇناسىۋەت باغلىغان، ئەمما سالى ئائىلىسىنىڭ ئۇلارغا يېقىنلىشىشى بىلەن بۇ تىنچ مۇھىت بۇزۇلۇشقا باشلايدۇ... جېك بىلەن نەيتىرى بۇ قېتىم قانداق خەتەرگە يولۇقتى؟ ئۇلار پۈتكۈل پاندورا پىلانېتىغا خەتەر ئېلىپ كېلەمدۇ؟ پىلانېت ئاتلاپ توي قىلىۋالغان جېك بۇ قېتىم پاندورانى قۇتقۇزۇپ قالالامدۇ؟