دۇنيانىڭ ئەڭ گۈزەل تەرەپلىرىنى كۆرۈش بىلەن بىرگە، ئەڭ بەدبەشىرە تەرەپلىرىنىمۇ كۆرەلىگىنىمىزدە ئاندىن ئۆسۈپ ـ يېتىلگەن بولىمىز. «سىتسىلىيىنىڭ گۈزەل رىۋايىتى»ناملىق كىنودىكى ئۆسمۈر ئۆزىنىڭ دۇنياسىدا ئەڭ گۈزەل نەرسىلەرنى ھېس قىلدىيۇ، بىراق بۇ گۈزەللىكلەرنىڭ ھەممىسى ۋەيران بولۇپ كەتتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇمۇ ياشلىقى بىلەن خوشلاشتى... بۇ كىنوغا ئىتالىيەنىڭ «دۆلەت گۆھىرى» دەرىجىلىك رېژىسسورى گيۇسېپې تورناتورى رېژىسسورلۇق قىلغان، دۇنيادىكى ئەڭ جەلپكار ئايالنىڭ بىرى مونىكا بېللۇچچى باش رول ئالغان، ئاساسلىقى ئاياللارنىڭ چۈشكۈنلىشىش تارىخى بىلەن ئەرلەرنىڭ ئۆسۈپ ـ يېتىلىش تارىخى سۆزلەنگەن. كىنو «مەن» (يەنى كىنودىكى لېئوناردو ئىسىملىك ئۆسمۈر)نى ئاساسىي گەۋدە قىلىپ، ئىتالىيەنىڭ سىتسىلىيە ئارىلىدىكى بەكمۇ گۈزەللىككە تولۇپ كەتمىگەن «گۈزەل رىۋايەت»لىك ھېكايىنى بىزگە سۇنغان.