بۇ كىنودا ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش 5-قېتىملىق ئۇرۇشىدىن كېيىن تاكى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالانغانغا قەدەر بولغان ئارىلىقتىكى بىر تەرەپتىن ئۇرۇش قىلىپ، بىر تەرەپتىن سۆھبەتلىشىشتىن ئىبارەت جەڭ مۇساپىسى بايان قىلىنغان. ئالدىنقى سەپتە قانلىق جەڭ بولۇۋاتقان پەيتتە، سۆھبەت ئۈستىلىدىمۇ كەسكىن تالاش-تارتىش بولماقتا. جۇڭخۇا ئوغۇل-قىزلىرى دۈشمەنگە كەسكىنلىك بىلەن قايتۇرما زەربە بېرىپ، 747 كۈنلۈك ھايات-ماماتلىق ئېلىشىشتىن كېيىن، ئاخىرى ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ يېڭىلمەسلىك ئەپسانىسىنى بۇزۇپ تاشلايدۇ، تىنچلىق ئاخىرى يېتىپ كېلىدۇ... جۇڭخۇا قەھرىمانلىرى بۇ جەرياندا قانداق قىيىنچىلىقلارنى باشتىن ئۆتكۈزدى؟ ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش مۇساپىسى قانداق ئاياغلىشىدۇ؟