بۇ كىنودا قۇرۇق قول ئىگىلىك تىكلىگەن باي ليۇ شۈەن يېڭىدىن بىر پارچە يەرنى سېتىۋالىدۇ ھەمدە ئايال سودىگەر لى رولەن بىلەن بىرلىشىپ، يېڭى تېخنىكا ئارقىلىق بېلىقلارنى ھەيدەپ، دېڭىزنى تىندۇرۇپ يەرنى سودا ئىشلىرىغا ئىشلەتمەكچى بولىدۇ. سۇ پەرىسى جەمەتىدىكىلەر بۇ دېڭىز تەۋەلىكىدە تۇرىدىغان بولغاچقا، داۋاملىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ئۈچۈن، سۇ پەرىسى شەنشەننى ليۇ شۈەننى ئازدۇرۇشقا ۋە قەستلەپ ئۆلتۈرۈشكە ئەۋەتىدۇ، لېكىن شەنشەن ئاستا-ئاستا ليۇ شۈەننى ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ. بۇ پەيتتە، لى رولەن تېخىمۇ قورقۇنچلۇق پىلانىنى يۈرگۈزۈۋاتاتتى...