بۇ كىنودا رەھىمسىز ئايال قوغدىغۇچى يۈجۇنىڭ بىر ئەرنى قوغلاپ تۇتۇش ھېكايىسى بايان قىلىنغان. بۇ ئەر يۈجۇنىڭ يېقىن دوستىنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەبچى بولغان بولۇپ، قوغدىغۇچىلىقتىن چىققان بۇ قارام ئايال يول بويى توسالغۇ بولغانلارنى مۇشتى بىلەن جايلاپ ماڭىدۇ، شۇنداقلا ئاخىرىدا تېخىمۇ زور خەتەرگە ئۆزى يالغۇز يۈزلىنىدۇ. يۈجۇ بۇ ئەرنى تۇتۇپ دوستىنىڭ قىساسىنى ئالالامدۇ؟ ئۇنى توسىيالىغۇدەك قارام ئەرلەر چىقامدۇ؟