بۇ كىنودا ئالۋاستى يوقىتىش جەمەتى بولغان ما جەمەتىنىڭ ئىزباسارى ما شياۋلىڭ جەمەت بۇرچىنى زىممىسىگە ئارتىپ ئالۋاستىلارنى يوقىتىدۇ، رازۋېدچىك تيەنيوۋ ئالاھىدە ئىقتىدارىغا تايىنىپ دېلولارنى پاش قىلىدۇ. ئىككەيلەن بىر قېتىملىق دېلونى تەكشۈرۈش جەريانىدا تونۇشۇپ قالىدۇ ھەمدە تيەنيوۋنىڭ ئۇزاق يىللاردىن ساقلاپ كېلىۋاتقان سالاھىيىتى ئاشكارىلىنىدۇ. تيەنيوۋنىڭ يەنە قانداق سىرلىق سالاھىيىتى بار؟ ما شياۋلىڭ ۋە تيەنيوۋ ئالۋاستىلارنى قانداق يوقىتىدۇ؟