يامغۇرلۇق كېچىدە ، بىر يۈك ماشىنىسى ساقچىلار تەرىپىدىن مەجبۇرىي توختىتىلدى . شوپۇر ئورۇندۇقىدا پۈتۈن بەدىنى يارا ، ھېرىپ ھالىدىن كەتكەن بىر ئايال ئولتۇراتتى ، لېكىن يېقىنلاپ قارىغىنىدا ، ئۇنىڭ بىر ئەر كىشى ئىكەنلىكىنى بايقىدى . بۇ ئەرنىڭ ماشىنىسىدا نەچچە يۈزلىگەن ئىت بار ئىدى ، تۈرلۈك غەلىتە ئەھۋاللار ساقچىلارنى بۇ ئەرنى ساقچىخانىغا ئېلىپ كېتىشكە مەجبۇر قىلدى . بۇ ئەر ئۆزىنى دوگ دەپ ئاتىدى ، ئۇنىڭ نەزىرىدە ، ئىتلار ئائىلىسىدىكىلەردەك بولۇپ ، ئىنسانلارغا چەكسىز ئىشىنەتتى . ئۇ ۋەھشىي بىر ئائىلىدە تۇغۇلغان ، دادىسى كۈچۈكلەرنى بېقىپ ، ئۇرۇشتۇرۇپ كۆڭۈل ئاچاتتى ، ئۇ بۇ ئاجىز ھەم ئاقكۆڭۈل ئوغلىنى كۆزگە ئىلمىدى ، ھەتتا ئۇنى ئىت قەپەسكە سولاپ قويدى . بىر پاي ئوق ئاتا بىلەن بالا ئوتتۇرىسىدىكى ئەڭ ئاخىرقى رىشتىنى ئۈزدى ، ئۇنىڭدىن كېيىنكى يىللاردا ، ئۇ دۇنيانىڭ ئازابلىرىنى تېتىپ باقتى ، ئىلگىرى مۇھەببەتكە ئىنتىلگەن ،جەمئىيەتكە سىڭىپ كېتىشكىمۇ ئۇرۇنۇپ باققان . لېكىن ئاخىرىدا ئۇ بۇ دۇنيادا ئۆزىگە ماس كېلىدىغان ئورۇننىڭ يوقلىقىنى ھېس قىلدى .
ئەڭ ئاخىرىدا ، پەقەت بۇ بىر توپ سادىق ئىتلارلا ئۇنىڭغا ئەڭ مۇستەھكەم تىرەك ۋە جاسارەت ئاتا قىلدى…