بۇ «ھوقۇق ئويۇنى»نىڭ تۇغۇندى تىياتىرى بولۇپ، ھوقۇق ئويۇنىدىن 100 يىل بۇرۇنقى ھېكايە بايان قىلىنىدۇ. بۇ تىياتىردا ھېچكىم ئويلاپ باقمىغان ئىككى چەۋەندازنىڭ ھېكايىسى ئاساس قىلىنغان، ئۇلارنىڭ بىرى ياش، ساددا، لېكىن قەيسەر بولغان چەۋەنداز دانك، يەنە بىرى بولسا ئۇنىڭ كىچىك ئەگەشكۈچىسى ئېگ، بۇ بالا دەل كېيىنكى ئېگون تارگاريان بەشىنچى شۇ!!! بۇ دەۋردە تارگاريان جەمەتىنىڭ ھوقۇق سۈرۈشى داۋاملاشقان بولۇپ، كىشىلەرمۇ ئەجدىھاغا بولغان خاتىرىسىنى يوقاتمىغان، چەۋەندازلار ھوقۇق ئويۇنىدىن بۇرۇنقى ئەڭ ئاخىرقى چەۋەندازلار كۈچىنى نامايان قىلىدۇ. تارگاريان جەمەتى بۇ دەۋردە قانداق ھۆكۈم سۈرىدۇ؟ دانك بىلەن ئېگ قانداق ئىشلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزىدۇ؟