بۇ تىياتىردا ئادەمگە ئۆزگىرىشنى خالىمايدىغان توققۇز قۇيرۇقلۇق تۈلكە بىلەن ناھايىتى مەنمەنچى پۇتبول چولپىنىنىڭ مۇھەببەت ھېكايىسى بايان قىلىنىدۇ. بۇ توققۇز قۇيرۇقلۇق تۈلكە مەڭگۈ ياش ھەم گۈزەل تۇرۇش ئۈچۈن ئادەتتىكى ئادەمگە ئۆزگىرىشنى خالىمايدۇ، شۇڭا ياخشى ئىشلار ۋە ئەرلەردىن يىراقلىشىپ كېتىدۇ. ئەنە شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە، بۇ تۈلكە دۇنياۋى چولپان دەرىجىلىك پۇتبولچى بىلەن ئۇچرىشىپ قالىدۇ، ئىككەيلەننىڭ كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان رومانتىك ھېكايىسى باشلىنىپ كېتىدۇ؟ بۇ توققۇز قۇيرۇقلۇق تۈلكە ئاخىرىدا ئادەمگە ئۆزگىرەمدۇ؟ ئۇلارنىڭ مۇھەببەت ھېكايىسى قانداق بولىدۇ؟