بۇ كىنودا ئائىلە شارائىتى ئانچە ياخشى ئەمەس بولغان لۈكچەك قورقۇتۇپ قەرز يىغىش، كوچىدا سوقۇشۇش دېگەندەك ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، لېكىن ئىزچىل باشقىلارنىڭ سايىسىدە ياشىغاندەك ھالەتكە چۈشۈپ قالىدۇ. ئۇ ئاستا-ئاستا ئاتامانىنىڭ ئورنىغا چىقىپ، قارا گۇرۇھتىكى ئورنى كۈندىن-كۈنگە ئۆسۈپ ماڭىدۇ، شۇنداقلا سۆيگۈنىنىڭ تەسىرىدە قارا گۇرۇھتىكى ئىشلىرى يۈرىشىپ كېتىۋاتقان ۋاقىتتا قول ئۈزۈپ، ئاددىي تۇرمۇش كەچۈرمەكچى بولىدۇ. كىچىككىنە لۈكچەكتىن قارا گۇرۇھ ئاتامانىغا ئايلانغان بۇ ئەرنىڭ كىنوسى ئىشلىنىپ، تۇرمۇشىدا زور ئۆزگىرىش بولغان پەيتتە، ئىشلاردىمۇ ئۆزگىرىش بولۇشقا باشلايدۇ. ئۇ قارا گۇرۇھتىن راستىنلا چېكىنىپ چىقالامدۇ؟ ئۇنىڭ ھاياتىنى ئۆزگەرتكىنى زادى نېمە؟