بۇ كىنودىكى ژان ماپتىست گرەنويېل 18-ئەسىردە پارىژدىكى ئەڭ مەينەت، ئەڭ سېسىق جاي-بېلىق بازىرىدا تۇغۇلىدۇ. گرەنويېلنىڭ پۇراققا نىسبەتەن كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان تۇغما تالانتى بار بولۇپ، مەيلى سېسىق پۇراق بولسۇن ياكى خۇشپۇراق بولسۇن، ھەممىنى ئېسىدە تۇتۇۋالالايدۇ ھەمدە ھەر خىل پۇراقلارنى ئاسانلا پەرقلەندۈرەلەيدۇ. كېيىن ئۇ ئەتىر دۇكىنىغا كىرىپ خىزمەت قىلىدۇ، لېكىن دۇنيادىكى ئەڭ خۇشپۇراق ئەتىرنى ياساش بىلەنلا قانائەتلىنىپ قالماي، بارلىق مەۋجۇداتلارنىڭ پۇرىقىنى قانداق ساقلاش ئۇسۇلىنى ئۆگىنىشنى ئارزۇ قىلىدۇ ۋە بۇ جەرياندا ياش قىزلارنىڭ بەدەن پۇرىقىنى ياخشى كۆرۈپ قېلىپ، بۇ خىل پۇراقنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئاخىرىدا قاتىللىق يولىغا ماڭىدۇ... بۇ ئەتىر ياساش ئۇستىسى نېمە ئۈچۈن قاتىللىق بىلەن ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولىدۇ؟ قىزلارنىڭ بەدەن پۇرىقى ھەقىقەتەن شۇنچە خۇشپۇراقمۇ؟