بىر كۈنى ساقچىلار ناھايىتى ئېچىنىشلىق ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن بىر جەسەتنى بايقايدۇ. قانۇن دوختۇرى مورگان شۇنچە يىللاردىن بۇيان تۇنجى قېتىم بۇنداق غەلىتە قاتىللىق ئۇسۇلىنى ئۇچراتقان بولغاچقا بۇ سىرلىق دېلوغا قاتتىق قىزىقىپ قېلىپ، ئۆزى بىر قوللۇق تەكشۈرۈپ، رەزىل قاتىلنى تاپماقچى بولىدۇ. مورگان بارلىق يىپ ئۇچىنى ئىنچىكىلەپ تەكشۈرۈپ، قاتىلنىڭ ئۆلگۈچىلەرنى ناھايىتى قەبىھ ئۇسۇلدا قىيناپ ئۆلتۈرىدىغان ئۇچىغا چىققان تەلۋە ئىكەنلىكىنى بايقايدۇ. مورگان قاتىلنىڭ ئىزىغا چۈشۈپ، ھەقىقىي ئەھۋالغا يېقىنلىشاي دېگەندە نۇرغۇن ئاياللارغا باسقۇنچىلىق قىلغان يەنە بىر گۇماندار ئۇنىڭ دىققىتىنى تارتىپ قويىدۇ. قاملاشمىغان يېرى، بۇ باسقۇنچى ئەبلەخ ئاشۇ بىچارە ئاياللارغا زىيانكەشلىك قىلغاندىن كېيىن مورگاننىڭ قىز دوستىنىڭمۇ پېيىغا چۈشىدۇ. مورگان قىز دوستىنى بۇ پېشكەلچىلىكتىن قوغداپ قالالامدۇ؟ سىرلىق قاتىللىق دېلوسىدىكى تەلۋە قاتىل زادى كىمدۇ؟