بۇ كىنودا ئامېرىكا كاپىتانىلىقتىن ئىستېپا بەرگەن كرىس ئېۋانس ئاقكۆڭۈل يىگىت بولۇپ، ئۇ سىرلىق نازىنىن سەيدىنى بىرلا كۆرۈپ ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ، لېكىن ئىككەيلەن ئىككىنچى قېتىم ئۇچرىشىشقا ئۈلگۈرمەيلا سەيدىنىڭ ئالاھىدە خادىم ئىكەنلىكى ئاشكارىلىنىپ قالىدۇ، كرىس ئېۋانس ئاشىقىنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن بۇ خەتەرلىك مۇناسىۋەتتىن ئۆزىنى قاچۇرالماي، سەيدى بىلەن بىرلىكتە دۇنيانى قۇتقۇزىدىغان خەلقئارالىق سەپەرگە ئاتلىنىپ قالىدۇ. ئۇچرىشىشقا ئۈلگۈرەلمىگەن بۇ ئاشىق-مەشۇقلار دۇنيانى قانداق قۇتقۇزار؟ كرىس ئېۋانس بۇ كىنودىمۇ قالقان كۆتۈرۈۋالارمۇ؟