بۇ كىنودا ئالەمدىكى ئىككى قۇيرۇقلۇق يۇلتۇز يەر شارىغا سوقۇلغاندىن كېيىن، يەر يۈزى ئېكولوگىيەسى ۋەيران قىلىش خاراكتېرلىك زەربىگە ئۇچراپ، ئىنتايىن ناچار ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئادەملەر ئەڭ ئاخىرقى ئۈمىد ھېسابلىنىدىغان قورغاندا ياشاشقا مەجبۇر بولىدۇ، داڭلىق ئالىم جونمۇ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىرگە بۇ جايدا پاناھلىنىدۇ. ئارقىدىن، قورغاندىكى يەيدىغان-ئىچىدىغان نەرسىلەر ئاز قالغانلىقتىن، كىشىلەر تالاش-تارتىش قىلىشنى باشلايدۇ، جون قاتارلىقلار پاناھلىنىدىغان يېڭى جاي تېپىش ئۈچۈن كۆچىدىغان يەر ئىزدەيدۇ، لېكىن ئۇلار ياۋروپانىڭ ھالاك بولغانلىقىنى بايقايدۇ... جون ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى يېڭى يۇرتنى تاپالامدۇ؟ ئۇلار بۇ ھالاكەتتىن قانداق قۇتۇلىدۇ؟