بۇ كارتوندىن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن كورېيە تىياتىرى. تىياتىردا نامىنى يوشۇرۇپ ئىت نىقابى تاقىۋالغان بىر كىشى كورېيەدە گۇناھسىز ئالۋاستىلارنى سوتلاش جەريانىدا ساقچىلار بىلەن سۈركىلىش پەيدا بولغان ھېكايە قانات يايدۇرۇلۇپ سۆزلەنگەن. مەلۇم بىر كۈنى، كورېيەدىكى پۈتۈن خەلقنىڭ يانفونىغا ئۆلۈم جازاسىغا بېلەت تاشلاش قىسقا ئۇچۇرى بارىدۇ. جىنايەتچىلەر ئۆزلىرىنىڭ جىنايى قىلمىشلىرىنى پاكىت بىلەن ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئاندىن بېلەت تاشلاش باشلىنىپ، ئۆلۈم جازاسىنى قوللاش نىسبىتىگە ئاساسەن جىنايەتچىگە ئۆلۈم ھۆكۈم چىقىرىلىدۇ ياكى جازالىنىدۇ. بۇ تىياتىر كىشىنى چوڭقۇر ئويلاندۇرىدۇ: ئۆلۈم جازاسىغا بېلەت تاشلاشنىڭ مەسىلىسى شۇكى، ناۋادا جىنايەت گۇماندارى ئۇۋالچىلىققا ئۇچرىغان ئادەم بولسا قانداق قىلىش كېرەك؟ بېلەت تاشلاش ئارقىلىق بىر ئادەمنىڭ ھايات-ماماتىنى بەلگىلىسە قانداق بولىدۇ؟