بۇ تىياتىردا دىلرابا رولىغا چىققان ئالۋاستى شاھى خې سىمۇ ئاجىز ھالىتىدە كىچىك سانغۇن دۈەن شۈنى ئۇچرىتىدۇ، لېكىن بۇ كىچىك سانغۇن ھەقىقىي دۈەن شۈ ئەمەستەك قىلاتتى... ئىككەيلەن تونۇشۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي، خې سىمۇ دۈەن شۈنىڭ ھەقىقىي سالاھىيىتىنى ۋە ئۆتمۈشىنى بىلىپ يېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن 100 يىلمۇ ياشىيالمايدىغان ئادەتتىكى ئادەم بىلەن 400 ياشقا كىرگەن ئالۋاستى شاھىنىڭ مۇھەببىتى باشلىنىپ كېتىدۇ... ئالۋاستى شاھى دىلرابانىڭ مۇھەببىتى قانداق بولىدۇ؟ دۈەن شۈ زادى قانداق ئادەم؟