بۇ تىياتىردا كورېيە سەنىمى سوڭ خيېكيو كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان قىساس پاتقىغا پېتىپ قالىدۇ. سوڭ خيېكيو تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە مەكتەپ زوراۋانلىقىغا ئۇچراپ، ساۋاقداشلىرىنىڭ بوزەك قىلىشىغا چىدىيالماي ئوقۇشتىن چېكىنىشكە مەجبۇر بولىدۇ، ئەمما ئۇ ئۆزىنى بوزەك قىلغانلارنى ئېسىدىن چىقارماي، ئۇلار توي قىلىپ بالىلىق بولغاندىن كېيىن بالىسىنىڭ سىنىپ مەسئۇلى بولىدۇ، شۇنداقلا ئەينى ۋاقىتتىكى ئۆزىنى بوزەك قىلغانلار ۋە شۇ مەكتەپ زوراۋانلىقىغا قاراپ تۇرغانلاردىن ئۈزۈل-كېسىل ۋە ئېچىنىشلىق قىساس ئېلىش پىلانىنى باشلايدۇ. سوڭ خيېكيونىڭ قىساس پىلانى قانداق داۋاملىشىدۇ؟ قىساس پاتقىقىغا پېتىپ قالغان سوڭ خيېكيونى قۇتقۇزىدىغان بىرە كىشى چىقارمۇ؟