بۇ كىنودا قۇياش يۇتىۋېلىنىشقا باشلايدۇ، يەر شارى ئۈمىدسىزلىككە تولغاندا، بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى پۈتۈن يەر شارىنىڭ ئۈمىدىنى ئېلىپ ئالەم سەپىرىنى باشلايدۇ. ئۇ ئالەم بوشلۇقىدا ئوخشاشلا قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان تاشقى پىلانېت ئادىمى بىلەن تونۇشۇپ قالىدۇ. بۇ ئىككەيلەن ئىككى مەدەنىيەتنىڭ قۇتقۇزغۇچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئالەم بوشلۇقىدا بىللە ھايات كەچۈرىدۇ... ئۇلارنىڭ قۇتقۇزۇش پىلانى ئەمەلگە ئاشامدۇ؟ يەر شارىدىكىلەرنىڭ ئۈمىدى قايتا چاقنىيالامدۇ؟