بۇ كىنودا مۈشۈكئېيىق خۇخۇ بىلەن دەرىجىدىن تاشقىرى چولپان جەكى تۇيۇقسىزلا زامان ھالقىپ ئىپتىدائىي قەبىلىگە بېرىپ قالىدۇ، بۇيەردە خۇخۇ ئەۋلىيا جانلىق ئاتىلىپ، قەبىلىدىكىلەر خۇخۇنى بىزنى خەتەردىن قۇتقۇزۇپ قالالايدۇ دەپ قارايدۇ، جەكى بولسا خۇخۇنى قوغداش ئۈچۈن قەبىلىدىكىلەر بىلەن تىركىشىشنى باشلايدۇ. جەكى خۇخۇنى قانداق قوغدايدۇ؟ ئۇلار بۇ قەبىلىدىكىلەرنىڭ قولىدىن قۇتۇلۇپ چىقالامدۇ؟