بۇ كىنودا 1917-يىلى، جۇڭگونىڭ غەربىي جەنۇبىي چېگرىسىدىكى ليۇجيا كەنتىدە ليۇ جىنشى (رولدا جېن زىدەن) بىلەن ئايالى ئايۈ (رولدا تاڭ ۋېي) بالىلىرى بىلەن بىرگە بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقاندا، ئىككى چاقىرىلمىغان مېھمان كەنتنىڭ تىنچلىقىنى بۇزۇپ تاشلايدۇ، ئۇلار ئەسلى كەنتنى بۇلاشنى پىلانلىغان بولۇپ، لېكىن تاساددىپىيلىقتا جىنشىنىڭ قولىدا جان ئۈزىدۇ، كەنتتىكىلەر جىنشىنى قەھرىمان دەپ تەرىپلەيدۇ. لېكىن، بۇ ئىككەيلەننىڭ ئۆلۈمى بىر مەخپىيەتلىكنى تارتىپ چىقىرىدىغان بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ دەل جىنشىنىڭ ھەقىقىي سالاھىيىتى! جىنشى زادى قانداق ئادەم؟ ئۇنىڭ يەنە قانداق مەخپىيەتلىكى بار؟